تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 18-ماي | زىيارەت:122
ھازىرقى زامان ياۋروپا مودا ناخشا – مۇزىكا شاھزادىسى جاستىن بىيبېر (Justin Bieber) پەقەت ناخشا – مۇزىكا ساھەسىدىلا داڭدار بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىجادىيەت، دۇمباق چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش، گىتار چېلىش ۋە پىئانىنو چېلىش جەھەتتىمۇ پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق تور بېكىتى Youtube دا قىزغىن ئالقىشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشىچى Usher ئۇنى بىر قوللۇق تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ، سەنئەت ساھەسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن. «جانانىم» (Baby) ناملىق بۇ ناخشىنىڭ توردا چېكىلىشى 700 مىلىيوندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ناخشا بولۇپ قالغان. 2011- يىلى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «شەخىس» ژورنىلىدا جاستىن بىيبېرنىڭ ھوللىىۋودتىكى ئەڭ باي ياش مىلىيونېر ئىكەنلىكى بېسىلغان. ئۇ يەنە «2011- يىللىق فوبۇس دۇنيا يۈز مەشھۇر چولپان» قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن، بىرىنچى نومۇرلۇق ئەر ناخشىچى ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن، مىكروبلوگ ئەگەشكۈچىلىرى دۇنيا بويىچە2- ئورۇندا تۇرغان. ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ دۇنيا مىقدارىدا سېتىلىشى 12 مىلىيون دانىغا يەتكەن.
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 17-ماي | زىيارەت:244
ياۋروپا چوڭ تىپتىكى ناخشا مۇسابىقىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى رادىئو-تېلېۋىزىيە بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقى رادىئو-تېلېۋىزىيىسىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەر قاتنىشىدۇ بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان «سۆيگۈڭنى بەر » ناملىق بۇ ناخشىنى تۈركىيە TRT تېلىۋىزىيىسى ئەۋەتكەن نامزات بولۇپ، جان بونومو (can bonomo) مۇسابىقىدە بۇ ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 13-ماي | زىيارەت:898
ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ ئەلگە، ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇشنى ئىستەيدۇ، ئەلۋەتتە ھەر بىر ۋىجدانلىق پەرزەنت بولغان ئەقىل ئېگىسىمۇ ئاتا-ئانا ئەجرىگە لايىق، ئەلنىڭ، خەلقىنىڭ، ۋەتەننىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاشنى ئويلايدۇ ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئۇشبۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۈركىيە داڭلىق ناخشىچىسى ۋە شائىرى ئۇغۇر ئارسلان ئىجراسىدا تۆۋەندىكى شېئىردىن بىرلىكتە ئاڭلاپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 8-ماي | زىيارەت:949
داڭلىق ئىسلام ناخشىچىسى سەمى يۈسۈفنىڭ ناخشىلىرىنى بەلكىم تورداشلار يەنە سېغىنىپمۇ قالغاندۇ، تۆۋەندە مەيلى ئىسلامى ناخشا ئېيتسۇن ياكى تەبىئەت، ئىنسانلارنى كۈيلىگەن ناخشىلار ئېيتسۇن ۋايىغا يەتكۈزۈپ كەڭ تورداشلارنىڭ شۇنداقلا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولغان بۇ ناخشىچىنىڭ يەنە بىر قانچە ناخشىسىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى، ئالىم
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 3-ماي | زىيارەت:1,105
«مەشرىق روھى» ناخشا گۇرۇپپىسى كورىيەدە 2003 – يىلى 26- دېكابىر بەش كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە ئاۋاز گۇرۇپپىسى بولۇپ، 2004 – يىلى 6- فېۋرال رەسمىي ھالدا سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ناخشا پىلاستىنكىسى چىقىرىش، سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ، كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە رول ئېلىش ھەمدە ئۇنۋېرسال پروگراممىلارغا قاتنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولغان. تۆۋەندە بۇ گۇرۇپپىنىڭ «نىچۈن سېنى قالدىم ياقتۇرۇپ» ناملىق مۇھەببەت لىرىكىسىنى سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر!
تەرجىمە قىلغۇچى: ۋاسكىتبول گۈزىلى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 3-ماي | زىيارەت:1,584
تەبىئەت ئۈچۈن چال ناملىق ئومۇمى نام بىلەن ئاتالغان ئۈچ ناخشىنىڭ بىرى بولغان بۇ ناخشا «ئورمان» تور بىكىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كەلكۈن، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى، دېڭىز تاشقىنى سەۋەبىدىن قىيا تاشلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق ۋە بىرلىكتە تەبىئەتنى قوغداش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇرتلىرى، ھايات-كەچۈرمىشلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بۇ قىرىق بەش مۇزىكانت ۋە ناخشىچى تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئەما شائىرى ئاشىق ۋەيسەلنىڭ شېئىرىغا ئىشلەنگەن يۇقىرقى ناخشىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ چىققان، تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ ناخشىدىن ئورتاق ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : مەلەك
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم
2012 29-ئاپرېل | زىيارەت:1,554
دوستلار بەلكىم نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا تور بېتىمىزدە كۆرگەن داڭلىق ئامېرىكىلىق ئىسلام دەۋەتچىسى يۈسۈف ئېستېسنىڭ نۇتۇقلىرىنى تېخى ئېسىدىن چىقارمىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ قېتىم دوستلارغا نۇر ئىسلام تورىدىكى ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ تەرجىمىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن مەزكۈر كىشىنىڭ يەنە بىر نۇتۇقىنى ھوزۇرىغا سۇندۇق، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق بۇ ئېسىل نۇتۇقىدىن بەھىرلىنەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 27-ئاپرېل | زىيارەت:907
سەنئەت بىلەن تەنتەربىيە ئايرىم – ئايرىم كەسىپلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە باغلىنىشلىقى بولغان بولىدۇ ئەلۋەتتە. شىۋىتسارىيىلىك داڭلىق ياش ناخشىسى Remady بىلەن Manu L ئوخشىمىغان بۇ ئىككى كەسىپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تونۇپ يېتىپ، جاز مۇزىكىسى بىلەن پاركور تەنھەرىكىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ياۋروپا مۇزىكىچىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە بىز بلوگىمىز ئارقىلىق سىلەرگە بۇ ئىككى ياشنىڭ «قەلبىڭنى ساقلاپ قال» ناملىق مۇھەببەت ناخشىسىنى سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر!!!
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 21-ئاپرېل | زىيارەت:1,250
كېچىدىكى ئەسلىمە ناملىق بۇ ناخشا ئىسپان تىلى ۋە ئىسپانىيەدىكى گالىتسىيا يەرلىك تىلىدا ئيتىلغان بولۇپ، گالىتسىيادىكى داڭلىق مۇزىكا ئەترىتى Luar na Lubre تەرىپىدىن ئورۇندىلىپ ئۇلارنىڭ 2004-يىلى چىقارغان 8-پىلاستىنكىسىغا كىرگۈزۈلگەن، ناخشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى : 2002-يىلى «ئابروي» ناملىق ماي پاراخوتىنى گالىتسيە دېڭىز رايونىغا چۆكتۈرۋىتىلىپ شۇ رايوننىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كەلگەن. بۇ ناخشا ئەنە شۇ پاراخوتنى ئەسلەش، شۇنداقلا دېڭىزنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىش يۈزسىدىن روياپقا چىققان
تەرجىمە قىلغۇچى : لەيلا
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 18-ئاپرېل | زىيارەت:1,089
قۇرىغار(غەربىي يۇرت) ئوغلانلىرى (Westlife) تورداشلارغا چوقۇم ناتونۇش ئەمەس. قۇرىغار (غەربىي يۇرت) ئوغلانلىرى 1998-يىلى ئېرلاندىيەدە قۇرۇلغان ئەرلەر ناخشا گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ ئېرلاندىيە ۋە ئەنگىلىيىدە نام قازانغان، شۇنىڭدەك ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرى ۋە ئاۋستىرالىيەدە قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەمدە چىقارغان ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ دۇنيادا سېتىلىشى 40 مىليون دانىدىن ئاشقان، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ناخشا گۇرۇپپىسى 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە رەسمىي ھالدا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان. تۆۋەندە بىز بۇ ئوغلانلارنىڭ «كەتكۈزۈپ قويسام سېنى ناۋادا» ناملىق ناخشىسىنى سۇندۇق، بەھرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى: تۈمەنى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 14-ئاپرېل | زىيارەت:1,725
«پەرۋاز قىلىپ كىرەي قەلبىڭگە » ناملىق بۇ ناخشا دېسنىي (Disney) شىركىتىنىڭ 2008 – يىلى ئىشلەپچىقارغان «خىسلەتلىك پەرى» ناملىق كارتون فىلىمنىڭ باش ناخشىسى بولۇپ، بۇ ناخشىنى ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشىچى سېلېنا گومېز (Selena Gomez) ئورۇنلاپ چىققان. ناخشىنىڭ ئۆزگىرىشچان رېتىمى، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مەزمۇنى، ئىشىنىمىزكى سىزنىمۇ ئۆزىگە رام قىلىۋالالايدۇ. قېنى ئەمىسە، ناخشىغا مەرھەممەت قىلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
تەرجىمە كارتون،فىلىملەر
2012 12-ئاپرېل | زىيارەت:1,779
ئالدىنقى يىللىرى يەر شارى مىقياسىدا داغدۇغا قوزغىغان قىزىقارلىق 3D كارتون فىلىم «ئۇزۇن چاچلىق مەلىكە» فىلىمىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى نۆۋەتتە جىددى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا فىلىمدىكى مەلىكە بىلەن يىگىتنىڭ توي مۇراسىمىدا، ئات بىلەن خامىلىئوننىڭ توي ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ تېپىپ كېلىش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋە جىددى بىر بۆلەك كۆرۈنۈش ئاشكارىلانغان. قىسغىنە نەچچە مىنۇتلۇق فىلىم بەلكىم سىزگە بىر مەيدان توختاۋسىز كۈلكە ئاتا قىلىشى مۇمكىن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 10-ئاپرېل | زىيارەت:2,655
يېقىندا بلوگىمىزدا بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇق ناخشىچى يۈسۈپجان بىلەن ئەلفىرەنىڭ « سەن ھەم مېنى قالارسەن سۆيۈپ» ناملىق قايتىدىن ئوقۇپ چىققان چەتئەل ناخشىسىنىڭ تەرجىمىسىن يوللىغان ئىدۇق، مانا بۈگۈن بۇ بىر جۈپ ياش يەنە يېڭى بىر ناخشا چىقىرىپتۇ، بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇق، كەڭ تورداشلارنىڭ ناخشىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
تەرجىمە قىلغۇچى: تۈمەنى
فىلىملەر
2012 7-ئاپرېل | زىيارەت:1,046
20 – ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، ئامېرىكىنىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ياۋروپانى زىلزىلىگە سالغان فىلورىدا شىتاتىدا بەش نەپەر ياش يىگىت تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئارقا كوچىدىكى يىگىتلەر» مۇزىكا ئەترىتى (Backstreet Boys) قۇرۇلغان قىسقىغىنە 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بارا – بارا مۇكەممەللىشىپ، مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرۇش، ناخشا ئورۇنداش ۋە تېكىست يېزىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ كەلدى. 1990 – يىلى Backstreet Boys مۇزىكا ئەترىتى تۇنجى ناخشا پلاستىنكىسىنى چىقىرىپ، پەقەت ئامېرىكىدىلا 38 مىلىيون دانە سېتىلىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا 98 مىلىيون دانىگە يېقىن سېتىلىش رېكورتىنى ياراتقان. بىز تۆۋەندە Backstreet Boys مۇزىكا ئەتىرىتىنىڭ «ئېيتقىن ماڭا تەنھالىق نېمە» ناملىق ناخشىسىنى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى
تەرجىمە ناخشىلار،فىلىملەر
2012 4-ئاپرېل | زىيارەت:2,625
ئانا ھەققىدە كۈيلەر قانچە ئېيتىلسىمۇ تۈگىمەيدۇ، ئانا كۈيلەنگەن ناخشىلارنى قانچە ئاڭلىسىمۇ كىشى ھەرگىزمۇ زېرىكمەيدۇ، بلوگىمىزدا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئانا كۈيلەنگەن ناخشىلارنىمۇ تورداشلار ئاڭلاپ زېرىكمىگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ بۈگۈن تورداشلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا ماھىر زايىننىڭ ئىجراسىدىكى «بارلىقىم سەن مېنىڭ» ناملىق تۆۋەندىكى ناخشىنى سۇندۇق، ئىشىنىمەنكى بۇ ناخشا چوقۇم تورداشلارنىڭ ئەشۇ جاپاكەش ئانىلىرىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرغۇسى…
تەرجىمە قىلغۇچى : دىلارە، ئەركان خوتەنى